لى چياڭ «سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش نىزامى» نى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى

2024.03.21 14:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا «سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش نىزامى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى، بۇ نىزام 2024-يىل 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام» جەمئىي ئالتە باب، 52 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بەلگىلەندى: بىرىنچى، سۇ تېجەش خىزمىتىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئېنىق بەلگىلەندى. ئىككىنچى، سۇ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، نۇقتىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلارغا سۇ ئىشلىتىشنى نورمىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، سۇ تېجەش يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ سۇ ئىشلىتىش مەھسۇلاتلىرىغا سۇ ئۈنۈمى بەلگىسى قويۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش. ئۈچىنچى، سۇ تېجەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سانائەتتە سۇ تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش، شەھەر-بازارلاردا سۇ تېجەپ زىياننى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەتتىن تاشقىرىقى سۇدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. تۆتىنچى، كاپالەتلەندۈرۈش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىشكە دەل جايىدا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى ۋە سۇ تېجىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇ تېجەش تۈرلىرىگە تولۇقلىما بېرىپ، سۇ تېجەش مۇلازىمىتى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، سۇ ھوقۇقى سودىسىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىش. بەشىنچى، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى چىڭىتىپ، دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن قالاق، سۇ سەرپىياتى يۇقىرى تېخنىكا، ھۈنەر-سەنئەت، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقى بەلگىلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ