شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى پرابوۋوغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.03.22 09:03 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پرابوۋو سۇبيانتوغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئەنئەنىۋى دوست قوشنا دۆلەتلەر. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. مەن جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سايلانغان زۇڭتۇڭ پرابوۋو بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرداش بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىنىڭ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشنى، رايون ۋە يەرشارىنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ