شى جىنپىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خۇنەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

2024.03.22 09:02 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇڭگو - گېرمانىيە شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا − باسف شەنشەن باتارېيە ماتېرىيالى چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چاڭدې شەھىرى دىڭچېڭ رايونى شيېجياپۇ بازىرىنىڭ گاڭجۇڭپىڭ كەنتىدە، ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: خۇنەن ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىلغار ياسىمىچىلىق ئېگىزلىكى، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشقا سىجىل كۈچەپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خۇنەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

  3 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېن شياۋمىڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ماۋ ۋېيمىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چاڭشا، چاڭدې قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەكتەپ، كارخانا، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى، يېزا - كەنت قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خۇنەن 1 - سىفەن شۆيۈەنى (چېڭنەن شۇيۈەن مەكتەپ رايونى)گە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئاساسى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان چېڭنەن شۇيۈەن بولۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان بىر تۈركۈم پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە داڭلىق ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنى يېتىشتۈرگەن. شى جىنپىڭ ياش ماۋ زېدۇڭ باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شۆيۈەننىڭ تەرەققىيات تارىخىي جەريانى ۋە قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شۆيۈەن زالىدا، شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن جەزمەن مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. خۇنەن 1 - سىفەن شۆيۈەنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ياخشى جاي، بۇ قىزىل بايلىقنى ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. مەكتەپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە، ئوقۇتقۇچىلار ياخشى ئۇستاز بولۇشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى ياخشى ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ ئار - نومۇسنى بىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى تىكلەپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ باسف شەنشەن باتارېيە ماتېرىيالى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. بۇ ئاساسلىقى لىتىي ئىيونلۇق باتارېيەنىڭ مۇسبەت قۇتۇپ ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇڭگو - گېرمانىيە شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا. شى جىنپىڭ شۇ جاينىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، كارخانىنىڭ مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆردى، ماتېرىيال ئىقتىدارىنى سىناش ئەھۋالى ۋە باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات كارخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشى، زورىيىشى، يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ ئاچقۇچى، پۇقراۋى كارخانىلار، شېرىك كارخانىلار بۇ جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، شى جىنپىڭ چاڭدې شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يۈەنجياڭ دەرياسى بويىغا جايلاشقان چاڭدېخې كوچىسىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، 1943 - يىلىدىكى چاڭدې ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاڭدې شەھىرى كونا دەريا بويى كوچىسىنىڭ قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ جاينى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى قىلىپ بەرپا قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چاڭدېخې كوچىسىغا كېلىپ، ھەر خىل خاس ئۇششاق يېمەكلىكلەر، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار، خاس ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، دۇكان ئىگىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ماھارەت كۆرگەزمىسىدىن ھۇزۇرلاندى، چاڭدې كوناشەھەر كوچىسىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پايدىلىنىش، شەھەر پىلانلاش، سۇ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەڭگارەڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەر چاقناپ تۇرغان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئورتاق شەكىللەندۈرگەن، شۇنداقلا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولغان. چاڭدې مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنغان جاي، بۇ جايدىكى سىشيەن، گاۋچياڭ، خاۋزى قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق ۋاسىتە ئارقىلىق ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  خۇنەن مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان 13 ئۆلكىنىڭ بىرى، شال تېرىلغۇ كۆلىمى، ئومۇمىي ھوسۇل مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چاڭدې شەھىرى دىڭچېڭ رايونى شيېجياپۇ بازىرىنىڭ گاڭجۇڭپىڭ كەنتىگە بېرىپ، شۇ جايدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان 10 مىڭ مولۇق ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلەك رايونىغا كىرىپ، مايسا يېتىشتۈرۈش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار بىلەن سېلىنما - ھوسۇل ھېساباتىنى بىر - بىرلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزدە 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە جەزمەن ئۆزىمىزگە تايىنىپ كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىغا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئاشلىقى قاچىلىنىشى كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى ياخشى بەرپا قىلىپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى يولغا قويۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سورت، ياخشى دېھقانچىلىق ماشىنا - سايمانلىرى، ياخشى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق تېرىغانلارنىمۇ بېيىتىپ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىلىرىنى زامانىۋىلاشقان چوڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مۇقىم، پۇختا مېڭىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى دەي خۇڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيا تەييارلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم كەنتنىڭ پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ شۇ جاينىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، قوشۇنلارنى خىل، مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچام قىلىپ، بۇ خىزمەتنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئۇ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش جەھەتتە كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقان ئاممىسى ئېتىراپ قىلىدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ئايرىلىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە چۆرىدىشىپ كېلىپ باش شۇجىنى ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن كۆپچىلىككە: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، چوقۇم ھەقىقىي، كۈچلۈك سىياسەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرى ۋە ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ، دېدى. ئالقىش سادالىرى كەنتتە ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

  3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، خۇنەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش − يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يادرولۇق مۇھىم ئامىل. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ تېزدىن رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپكە قايتا ئاساس سېلىش ۋە مۇھىم تېخنىكا - جابدۇق جەھەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى داۋاملىق زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، كەسىپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چەكلەۋاتقان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىسى، تەرەققىيات مۇھىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىسى، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىغا زىت بولغان مەركىزىي نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك. خۇنەن ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى قۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد - سودا جەھەتتە چوڭقۇر ھەمكارلىشىش بويىچە ئالدىن يولغا قويۇش رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش − يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى. خۇنەن دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئۇرۇقچىلىق ۋە تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇرۇقچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بويىچە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك. چوڭ يېزا ئىگىلىكى قارىشى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى زورايتىپ، شەھەر - يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەردە ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلىشى كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش، يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خۇنەن يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك. قىزىل بايلىقنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنقىلاب ئەنئەنىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دەۋرگە خاس يېڭى كەيپىيات - يېڭى قىياپەتنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن پەن - تېخنىكىنى يۇغۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خۇنەن تۇپرىقىنىڭ يېشىل تېغى، سۈزۈك سۈيى، كۆك ئاسمىنى، پاكىز تۇپرىقىنى ياخشى قوغداپ، تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان جەلپكارلىقىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا ھوقۇق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىشى، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشى، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىشى، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چاڭشادا چاڭشادا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى شاڭشياۋدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن چاڭشادا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. جاڭ يوۋشيا كۆرۈشۈشتە ھەمراھ بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ