شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ پۇتىننىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2024.03.19 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 18- كۈنى پۇتىنغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، خىرىسنى يېڭىپ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز رۇسىيە خەلقىنىڭ سىزنى قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، رۇسىيەنىڭ چوقۇم دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، رۇسىيە بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم، چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ