لى چياڭ ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

2024.03.20 13:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى يىغىنى 18-مارت خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنشياڭ شەھىرىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. يوليورۇقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنتتە تۈزەش قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ، تەتبىقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھازىر ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئالدىراش مەزگىلگە كىردى. جايلار، تارماقلار ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى دەل جايىدا، ئىنچىكە، ياخشى تۇتۇپ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخنىكا يېتەكچىلىكى مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىلدا مول ھوسۇل ئېلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ