مۇھىم خەۋەرلەر

«ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش: جۇڭگو شىزاڭ ۋە شىنجاڭ ئەمەلىيىتى» تېمىسىدىكى لېكسىيە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى

2024.03.22 01:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 55-نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش: جۇڭگو شىزاڭ ۋە شىنجاڭ ئەمەلىيىتى» باش تېمىسىدىكى لېكسىيە 3-ئاينىڭ 18-كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار جۇڭگو شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

  جۇڭگو زاڭزۇشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لياڭ جۈنيەن مۇنداق دېدى: شىزاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئاتالمىش «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» مەسىلىسى يېقىنقى زامان جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى.

  جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جيا چۈنياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىزاڭنىڭ مائارىپ باشقۇرۇشى جۇڭگونىڭ قانۇنى ۋە ب د ت نىڭ «ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسى»، «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا ئەھدىنامىلەردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، زاڭزۇ تىلى مەدەنىيىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.

  غەربىي شىمال سىياسىي-قانۇن داشۆسى تاشقى تارقىتىش ۋە مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چياۋ باشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئىناق ئۆتۈپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى.

  شىنجاڭ داشۆ ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى تۇرسۇن ئەبەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى نىقاب قىلىپ، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئىشسىز قالدۇرۇش»، «مەجبۇرىي نامراتلىق» پەيدا قىلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ