شى جىنپىڭ ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.03.18 09:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا لورېنسو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ ئانگولا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر، جۇڭگو بىلەن ئانگولا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلىدى. جۇڭگو ـ ئانگولا مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي بەخت ياراتتى. جۇڭگو ـ ئانگولا ھەمكارلىقى جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا تەۋە بولۇپ، ياخشى دوستلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيادا، ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئانگولانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، ئانگولا تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئانگولا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى ياخشى، كۆلىمى چوڭ، ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ۋە پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئانگولا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئانگولاغا بېرىپ كۆپ خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئانگولانىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش، ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئانگولا تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئانگولا تەرەپنىڭ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ـ ئافرىقا ئىقتىساد ـ سودا كۆرگەزمىسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق، جۇڭگوغا ئانگولانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ ئانگولاغا داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلەرنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان ئانگولالىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش مۇكاپاتى سانى بىلەن تەمىنلەپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، مەيلى يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ياكى تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشتە بولسۇن، يەرشارىنىڭ جەنۇبى كەم بولماسلىقى كېرەك. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئالغا سىلجىتىش يولىدىكى ئىشەنچلىك دوستى ۋە سەمىمىي ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئافرىقا ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىنى، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ئانگولا قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لورېنسو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، ئۆز ئۆيىمىزدە تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلدۇق. ئانگولا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. مەيلى ئانگولادا ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن پەيتتە بولسۇن، ياكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان پەيتتە بولسۇن، جۇڭگو ئانگولا تەرەپنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن ئەڭ بۇرۇن تەمىنلىگەن دۆلەت، ئانگولا تەرەپ بۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگونىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئانگولانىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. ئانگولا تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئانگولاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، ئانگولانىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ گۈللەندۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ. ئانگولا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ چوقۇم تولۇق ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئانگولا تەرەپ جۇڭگونىڭ باشتىن ـ ئاخىر دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا كۈچ چىقارغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، پىرىنسىپىنى قوغداش ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانلىرىنى قوغداشنى خالايدۇ. بىز بۈگۈن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئانگولا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدۇق. ئانگولا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى تۈزۈش، ئىقتىساد ـ سودا، يېزا ئىگىلىكى، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەرگە دائىر كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئانگولا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا لورېنسو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئانگولا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. لورېنسو شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا لورېنسو ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ