جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىنى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرىنى يوقلاپ، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىننى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان بارلىق ئاخبارات خادىملىرىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا ئىلھام بېرىش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكرى يۆنىلىشى، قىممەت يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، يىغىننىڭ ئاخبارات-تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرى چوڭقۇر، تەسىرلىك، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، كىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان بىر تۈركۈم ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇلارنىڭ باش تېمىسى روشەن، يارقىن نۇقتىلىرى گەۋدىلىك بولۇپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئاممىۋى پىكرى كەيپىياتى يارىتىلدى. بىرىنچى، مەركەزلىك خەۋەر قىلىش خىزمىتى تولۇق، چوڭقۇر ياخشى ئىشلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن ۋەكىللەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكى، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەنگەنلىكىدەك قايناق مەنزىرى جانلىق خاتىرىلىنىپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ بۇرچنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ۋە خەلققە بولغان مۇھەببىتى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باش شۇجىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقى ۋە چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەتلەيدىغانلىقى نامايان قىلىندى. ئىككىنچى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكىلىقى، ھاياتىي كۈچى ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى تەشۋىق قىلىنىپ ۋە شەرھلىنىپ، ماھىيەتلىك، ئورۇنلۇق، تەسىرلىك سۆزلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەت، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشەنچ ۋە غەيرىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. ئۈچىنچى، يىغىننىڭ تەرتىپ خاراكتېرلىك خەۋەرلىرى ۋاقتىدا، توغرا ئىشلىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىپ قىلغان سۆزلىرى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ، تەۋسىيەلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى، «ۋەكىللەر يولى»، «مىنىستىرلار يولى»، ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى خەۋەر قىلىش خىزمىتى پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرگە يىغىندىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. تۆتىنچى، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىنىپ ۋە تەشكىللىنىپ، «گېزىت، ئىستانسا، تور، تېرمىنال» قاتارلىقلار چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان قىلىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. تاشقى تەشۋىقاتتا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، تەشەببۇسكار بولۇپ، جانلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلەپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو ئوبرازى نامايان قىلىندى.جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى قانۇن بويىچە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات تەشۋىقاتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەشۋىقاتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاخبارات «مول كان»لىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى ھېكايىسى، جۇڭگو دېموكراتىيەسى ھېكايىسى، جۇڭگونىڭ قانۇنچىللىق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ قاتارلىقلار يوقلاشتا بىللە بولدى.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، خەلق گېزىتخانىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، نۇر گېزىتخانىسى، ئىقتىساد گېزىتخانىسى، جۇڭگو گېزىتخانىسى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، قانۇنچىللىق گېزىتخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىرىنچى سەپتىكى مۇھەررىر، مۇخبىرلار ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ