لى چياڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2024.03.14 09:32 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككى يىغىن» دا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئۈستۈنلۈكنى تېز يارىتىش كېرەك.

  لى چياڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوماتىك ھەيدەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى يېڭىلىق يارىتىش تىجارەت مەركىزىگە بېرىپ، بۇلۇت تىزگىنلەش ئاساسىي سۇپىسى سىستېمىسى، ئاپتوموبىل يولىغا ماسلاشتۇرۇلغان قۇم مودېلنى كۆزدىن كەچۈردى. لى چياڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۆلچەم تۈزۈش، ئامىل كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسىنىڭ دەۋرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. لى چياڭ ئارقىدىن بەيدۇ شىركىتىنىڭ يىجۇاڭ ئىشخانا رايونىغا بېرىپ، چوڭ مودېل مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ قوللىنىش ۋە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۈنئىي ئەقىل يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش كۆرۈنۈشى مول بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللىنىش كۆرۈنۈشلىرىنى ئېچىۋېتىپ، تۈزۈم بىلەن تەمىناتنى زورايتىپ، سۈنئىي ئەقىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئازادە مۇھىت يارىتىش كېرەك. شىمال خۇاچۇاڭ پەن-تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە، لى چياڭ شىركەتنىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، سېخ ۋە تەجرىبىخانىلارغا كىرىپ ئىلغار ھۈنەر-سەنئەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى. لى چياڭ كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ماختاپ، كارخانىنى پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىلغار ئۈسكۈنە تەتقىقاتىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. لى چياڭ بېيجىڭ جىيۈەن سۈنئىي ئەقىل تەتقىقات يۇرتىدا چوڭ مودېل ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقىل مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەنى نىشانلاپ، ئەۋزەل بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

  لى چياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە ئالاقىدار كارخانىلار مەسئۇللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ «تۇتقا» نى چىڭ تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش؛ كەسىپ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلمىي پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۈنئىي ئەقىل يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم موتورى.ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھېسابلاش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «سۈنئىي ئەقىل +» ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  لى چياڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  يىن لى، ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ