لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2024.03.18 09:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 15-مارت گوۋۇيۈەننىڭ 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ 2024-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلەندى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەمدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەر گوۋۇيۈەننىڭ بۇ يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەر، تەدبىرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىرىنچى، زېھىننى يىغىپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، «مۇقىملىق» تىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىيەت ۋە ئاساسنى پۇختا ئىگىلەپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت «بىرىكمە مۇشت» ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئىجابىي ئۈنۈم ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئىشەنچ يەتكۈزۈش كېرەك. ئىككىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى بالدۇر پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭى تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەرنى پۇختا، تەرتىپلىك تۈگىتىپ، خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتتە تەشەببۇسكارلىقنى تىرىشىپ ئىگىلەش كېرەك. بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئامما ھېس قىلالايدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.ئالتىنچى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ ئاخىرقى ئۈنۈمىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مۇددىئاسىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى يېزا مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى تەركىبىدىكى خادىملار يىغىنغا قاتناشتى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ