مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى: ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارغا بېرىپ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتناشتى

2024.03.22 01:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە مەسئۇل ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ كۈنى قاتارغا بارغان. سۆھبەت 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچرەك باشلىنىدىغان بولۇپ، قاتار، مىسىر تەرەپنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆھبەتكە قاتنىشىدىكەن.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋە ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسى (موساد) نىڭ باشلىقى بارنىيا باشچىلىق قىلغان. ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئىچكى كابېنتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيەنىڭ سۆھبەتتىكى «قىزىل سىزىق»ىنى تەستىقلىدى. ئىسرائىلىيە سۆھبەت ئۆمىكى سۆھبەتتە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈشكە ھوقۇقلۇق.

  ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى بىر ئىسرائىلىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىش «بىر ئۇزۇن ھەم مۇرەككەپ جەريان» دېدى.

  يېقىندا مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئۇرۇندى. قاتار ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ ۋاسىتىلىك سۆھبىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ يەنىلا چوڭ، كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تېخى ئارىلىق بار، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ