مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ جۇڭگوغا ئالاقىدار پاسسىپ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

2024.03.22 01:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇرنسنىڭ يېقىندا جۇڭگوغا ئالاقىدار پاسسىپ سۆزلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارا ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 3-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇرنسنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى سان-فرانسىسكو ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشتىن چەتنەپ كەتكەن، سان-فرانسىسكو ئۇچرىشىشىنىڭ روھىغا خىلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسىز، شۇنداقلا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولىغا ئۇيغۇن ئەمەس.

  «جۇڭگو تەرەپ ئەزەلدىن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىرى ئۇتۇپ يەنە بىرى ئۇتتۇرىدىغان، بىرى روناق تاپسا يەنە بىرى خارابلىشىدىغان تىنچسىزلىق تىركىشىشى ئەمەس، دەپ قارايدۇ» دېدى لىن جيەن، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو رىقابەت ئارقىلىق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېنىقلىما بېرىشكە، جۇڭگوغا قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىشقا، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، قىممەت قارىشىنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، ئامېرىكىنىڭ رىقابەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ جۇڭگونىڭ ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇقىنى چەكلىشىگە قارشى تۇرىدۇ.

  لىن جيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر يۆنىلىشتە مېڭىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سان-فرانسىسكو ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە ئارزۇنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ