مۇھىم خەۋەرلەر

«دۆلەت بىخەتەرلىكى»دىن قالايمىقان پايدىلىنىش دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئوغا

2024.03.22 01:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ «جۇڭگودىن قورقۇش كېسىلى» يەنە كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلگە كىردى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن كرانغىچە، جۇڭگونىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە مەھسۇلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن يولسىز زەربىگە ئۇچرىدى، باھانىسى يەنىلا «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىش»تىن ئىبارەت ئەسلىدىكى باھانە. «دۆلەت خەۋپسىزلىكى»نى بەزى دۆلەتلەر قالايمىقان ئىشلىتىپ ھەممە نەرسىنى قاچىلايدىغان سېۋەتكە ئايلاندۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ئالدامچلىق ھىيلىسىگە ئايلاندۇردى. مۇشۇنداق «دۆلەت خەۋپسىزلىكى»نى دەستەك قىلىپ، قورۇقچىلىقنى يولغا قويۇش، ئېنىقكى دۇنيا ئارازلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانى بۆلۈنمە ھالەتتە بىر-بىرى بىلەن قارشىلىشىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

  ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى بەزى سىياسەتۋازلار جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، كران، 5G ئۈسكۈنىسى، ئەپ دېتالى قاتارلىقلارغا «بىخەتەرلىككە توسقۇنلۇق قىلدى» دەپ قارا چاپلىدى، بۇلارنىڭ ھېچقانداق پاكىتى يوق، تېخنىكا جەھەتتىمۇ ئاساسى يوق، پەقەتلا جۇڭگوغا زەربە بېرىش، قالايمىقان قورۇقچىلىق قىلىشنىڭ «ھېچقانداق ئاساسى يوق» باھانىدىن ئىبارەت. 5G ئۈسكۈنىسىگە كەلسەك، گېرمانىيە «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆپ يىللىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى قاتارلىق ئاپپاراتلار خۇاۋېيدا ئاتالمىش «ئارقا ئىشىك» بارلىقىنى بايقىمىغان. كرانغا كەلسەك، ئامېرىكا فېدېراتسىيە قاتلىمىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارغا «قورققانغا قوش كۆرۈنۈپ» كەتكەن بولسىمۇ، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەر ئۇنى قوبۇل قىلمىدى. مارىلاند پورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بالتىمور پورتى سېتىۋالغان جۇڭگونىڭ كىرانلىرىنى «قۇراشتۇرۇش ۋە سىناش جەريانىدا ھېچقانداق مەسىلە بايقالمىغان». يالې داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى پىنىلوپى كۇيانۇ گولدبېرگ ئامېرىكا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» باھانىسىنى خالىغانچە ئىشلىتىدۇ، لېكىن ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قوللانغان ھەرىكىتىنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» ئۈچۈن دېگەندىن كۆرە ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى قوغداش ئۈچۈن دېگەن تۈزۈك، دەپ كۆرسەتتى.

  بەزى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ مەھسۇلات، ئۈسكۈنىلىرى «بىخەتەر ئەمەس» دېگەندە، جۇڭگولۇقلارنىڭمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئۈسكۈنە مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەش كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ تېسلا ئاپتوموبىللىرى جۇڭگو كوچىلىرىدا مېڭىۋاتقاندا، يەنە جۇڭگونىڭ سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاۋاتامدۇ؟ ئالما يانفونىنىڭ جۇڭگودا 100 مىليون ئابونتى بار، جۇڭگو ئابونتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىمۇ خەۋەرسىز ئەھۋالدا ئامېرىكىغا ئەۋەتىلەمدۇ؟ ئامېرىكا سودا مىنىستىرى رايموندو «بېيجىڭ ئامېرىكا يوللىرىدا كېتىۋاتقان 3 مىليون جۇڭگو ئاپتوموبىلىنىڭ ئوتىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆچۈرەلەيدۇ» دېگەن. ئۇنداقتا، جۇڭگومۇ ۋاشىنگتوننىڭ جۇڭگو ئابونتلىرىنىڭ 100 مىليوندىن ئارتۇق ئالما يانفونىنى بىرلا ۋاقىتتا قارا ئېكرانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرىشى كېرەكمۇ؟ ئەگەر بۇ ئۈسكۈنىلەرمۇ بىخەتەر ئەمەس دېيىلسە، ئۇنداقتا جۇڭگونىڭمۇ باراۋەر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى قوغدىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ غەربتىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەپەككۇرى بويىچە بولغاندا، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتنىڭ رەقەملىك تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچىدە توختاپ قېلىشى كېرەكمۇ؟ يەر شارى رەقەملىك مەھسۇلات سودىسىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن نۆلگە قايتىشى كېرەكمۇ؟ سودا مەسىلىسىنىڭ سىياسىيلىشىشى، ئۈسكۈنىلىشىشى، ھەتتا قوراللىشىشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆستۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. «دۆلەت خەۋپسىزلىكى»دىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، قورۇقچىلىقنى كەلسە-كەلمەس يۈرگۈزۈش ئېنىقكى دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكىنى «زەھەرلەيدۇ».

  «كۆپ تەرەپ ئۇتتۇرۇش»تەك قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشتا چوقۇم تىنچسىزلىق تەپەككۇردىن ھالقىپ ئۆتۈش كېرەك، مەنپەئەتنى ئورتاق زورايتىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەرقايسى تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىر-بىرىگە پۇرسەت بولالايدۇ. بېكىنمە، مۇتەئەسسىپلىك تەرەققىيات، گۈللىنىش ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. غەلىتە بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك باشقا دۆلەتلەرنى بېسىپ، ھەمكارلىقنى ئۈزۈپ، تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىپ، ھە دېسىلا «تام قوپۇرۇش» بىر دۆلەت ياكى رايوننىڭ كەسىپلىرىنى زورايتالمايدۇ، پەقەت ئۆز-ئۆزىنى چۈشەپ قويۇپ، يەر شارىلىشىشنىڭ ئىلگىرىلەش دولقۇنىدىن ئۆزىنى ئايرىۋېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ