مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ يى ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

2024.02.20 23:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىش سەمىمىي، ماھىيەتلىك ۋە ئىجادىي بولدى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ بىر قىسمى، مانا بۇ تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي ھازىرقى ئەھۋالى. بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغىنى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ يول قويۇشى ھەم قوللىشى. ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي ئويلىسا، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىماسلىق پوزىتسىيەسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش»نى «جۇڭگوسىزلاشتۇرۇش»قا ئايلاندۇرۇش، «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام سېلىش»، «جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش» ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ۋاڭ يى ئامېرىكىدىن جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرگە قارىتىلغان قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك جازانى بىكار قىلىشنى، جۇڭگونىڭ ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

  ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ۋاڭ يى ئامېرىكىنى سەۋەبسىز پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ جۇڭگو پۇقرالىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ تەكشۈرۈشنى توختىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشقا دەۋەت قىلدى ھەم ئامېرىكىغا «يامان ئىشنى كىچىك دەپ قىلىشقا، ياخشى ئىشنى كىچىك دەپ قىلماسلىققا بولمايدۇ» دېگەن قەدىمكى سۆزنى سوۋغا قىلدى.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ يېرىم ئارال ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىلىرىنىڭ ئۇچرىشىشنى ساقلىشىغا قوشۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ