لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە يېڭى يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىندى

2024.02.19 11:01 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە يېڭى يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىندى.

  لى چياڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا خىزمەت دوكلاتى بېرىش گوۋۇيۈەننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى، يۇقىرى سۈپەتلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، دوكلاتقا يەنىمۇ ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىجرا قىلغۇچى، ھەرىكەت قىلغۇچى، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەن بۇ ئورۇننى پۇختا ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. مەيلى بۇ يىللىق خىزمەتلەردە بولسۇن ياكى بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ پۈتكۈل ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە بولسۇن، بۇ ئورۇننى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ھەمدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا ئەمەلىيەت مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ. چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تېزدىن خىزمەت ھالىتىگە كىرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىرىنچى، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، ئامما ۋە كارخانىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىشەنچ ۋە كۆزلىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، سىياسەت تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ بىردەكلىكى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئەمەلىي، كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولالماسلىق»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى «ھەممە ئىشتا كۆڭلىدە سان بولۇش»تەك ھەرىكەت كۈچىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ خىزمەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تېزدىن ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈمنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مۇددىئاسىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، قىيىنچىلىقتىن قاچماي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق قاراش بويىچە چوڭقۇر پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە يولغا تايىنىۋېلىشنى دادىل بۇزۇپ تاشلاپ، خىزمەتنىڭ ئىجادىي يېتەكچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، بىرىكمە كۈچنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىيەت ئېڭى، ئومۇمىيەت قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا سۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېپىق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى تەركىبىدىكى خادىملار يىغىنغا قاتناشتى، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ