شى جىنپىڭ 37 - نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.02.18 09:51 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگرامما ئەۋەتىپ 37 - نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا دەل 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا، جۇڭگو ۋە ئافرىقا ۋەكىللىكىدىكى «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى بىرلىكتە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلىشىش ۋە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئافرىقا ئىتتىپاقى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىشىپ، ئافرىقىنىڭ يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز ھوقۇقىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. جۇڭگو تەرەپ بۇنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ مۇناسىۋىتى سىجىل چوڭقۇر راۋاجلاندى، جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، ئىككى تەرەپ ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۆزئارا قوللاپ، تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ياخشى مۇھىت يارىتىشنى قارار قىلدى. 2024 - يىلى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلىدۇ، مەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى كۆزلەپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ