شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ سىتۇبنىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2024.02.18 16:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالېكساندر سىتۇبقا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنئەنىۋى دوستلۇق داۋاملاشتى ھەمدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سىتۇب بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-فىنلاندىيە دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق جۇڭگو-فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ