شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

2024.02.08 08:38 مەنبە: خەلق تورى

  2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، شى جىنپىڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن خۇشال ـ خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى جياچېن ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال ـ خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو ئىشچى ـ دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3 ـ سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى تاۋ جى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلاردىن يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسلىرى، بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىرى بار.

  خاۋ مىڭجىن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2023 ـ يىلى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە قاتمۇقات قىيىنچىلىق، خىرىسلار ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ جان تىكىپ ئېلىشىپ، غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كۈندىن ـ كۈنگە يېڭىلىنىپ، ئۇلۇغ ئارزۇغا قەدەممۇقەدەم يېقىنلاشتى. يېڭى بىر يىلدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  خاۋ مىڭجىننىڭ تەبرىك سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 2023 ـ يىلى ناھايىتى ئۆزگىچە بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى، باشلىنىشى مۇقىم بولدى، يارقىن نۇقتىلار بەس ـ بەستە نامايان بولدى. بىز قىيىن مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 126 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. بىز يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. دۆلىتىمىز 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزا كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولدى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يارىتىش كۈچىنى نامايان قىلدى. بىز شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمالدىكى كەلكۈن ۋە گەنسۇ، چىڭخەيدىكى يەر تەۋرەش ھەم شىنجاڭدىكى يەر تەۋرەش قاتارلىق بىر قاتار ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق، چېڭدۇ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقانلىقى، ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ ئۇلنى پۇختىلاش، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «1 ـ ماي شوئارى»نى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ـ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي ئورتاق تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. كۆپچىلىك مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلارنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال ماسلىشىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى!

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2024 ـ يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا، سالماق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، تەكلىپ بېرىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ئەۋزەللىكى، رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان سۇپا ۋاسىتىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش كېرەك. مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى پارلاق دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ئورتاق ياڭرىتىشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش. پاكلىق قۇرۇلۇشى، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى ئىستىل ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرۈش كېرەك.

  سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى ۋە پېشقەدەم مەسئۇللىرى ھەم پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ