مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ «جۇڭگونى ئۆزگەرتىش» نىيىتىگە بولدى بەس

2024.02.09 01:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى سۇللىۋان ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت جەمئىيىتى پائالىيىتىگە قاتناشقاندا «ئامېرىكا مەيلى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بولسۇن، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان جۇڭگونى يارىتىش ياكى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى» دېدى.

  بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا جۇڭگوغا قاراتقان «ئۆزگەرتىش» ئىستراتېگىيەسى ئېلىپ بارغانلىقى ھەمدە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغانلىقى. ئامېرىكىدىكى بۇ كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى شۇكى، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئۆز يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.

  پاكىت ئالدىدا، ئامېرىكا جۇڭگوغا بولغان تونۇشىنى تەڭشەپ، جۇڭگونى «يارىتىش ياكى ئۆزگەرتىش» ئىرادىسىنى تاشلاپ، جۇڭگو بىلەن باراۋەر ئۆتۈش يولىنى تېپىشى كېرەك. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوخشاشمىغان يولدا ماڭدى. بۇنداق ئوخشىماسلىق بۈگۈن پەيدا بولغان ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، بۇ خىل ئوخشىماسلىقنى ئېتىراپ قىلىش، بۇ خىل ئوخشىماسلىققا ھۆرمەت قىلىش ھەرگىزمۇ بىردەكلىكنى تەلەپ قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش، ھەتتا ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەمەس.

  خەلقئارا سىياسىيدا، ئامېرىكىدا باشتىن-ئاخىر ئۆزىنى بىردىنبىر «تاغ چوققىسى شەھىرى»، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزى تۈزگەن ئاتالمىش قائىدە-تەرتىپكە ئەمەل قىلىشقا يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايدىغان بىر خىل خىيالىي تۇيغۇ بار. ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كلىنتون «دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئارقىلىق جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشقا قوشۇلۇپلا قالماي، بىز ئەڭ قەدىرلەيدىغان قىممەتنى ئىمپورت قىلىشقا تېخىمۇ قوشۇلىدۇ...» دېگەن. ئامېرىكىدىكى بەزى ئىستراتېگىيەچىلەر قەتئىي ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، شەرقىي ياۋروپادا جىددىي ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، كېيىنكى نۆۋەت جۇڭگوغا كېلىدۇ، دەپ قارىدى. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى شۇ بولدىكى، جۇڭگو شۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىلدا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى.

  دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا سىستېمىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق بىللە ئۆتۈشى ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش خۇددى ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى داڭلىق پادىشاھى كانۇتنىڭ دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغىنىغا ئوخشايدۇ. «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» «ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئالدىدا، جۇڭگو توغرا قىلدى» دېگەن ئوبزورىدا، ئامېرىكا «مەڭگۈ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان جۇڭگو»غا يۈزلىنىدىغان بىر خىل ئىستىراتىگىيەگە ئېھتىياجلىق، ۋاھالەنكى «جۇڭگونى باش ئېگىدۇ، دەپ دو تىكىش بىر ئىستىراتىگىيە ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ