مۇھىم خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق يولى قەيەردە؟

2024.02.09 01:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىئوردانىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ يەردىكى بازىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىراق، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارىماي، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا قاتتىق ئۇرۇشۇپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن چىقىش يولى تېپىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى.

  ئوتتۇرا شەرقتىكى قالايمىقانچىلىق ئامېرىكا ئامىلىدىن ئايرىلالمايدۇ. رايون زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئۇزاقتىن بۇيان مەسىلىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا بېرىلىپ كېتىپ، «بىر گۇرۇھنى يېنىغا تارتىپ، بىر گۇرۇھقا زەربە بېرىپ»، رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە قارىمۇقارشىلىقنى ئۈزلۈكسىز پەيدا قىلىپ ۋە كەسكىنلەشتۈرۈپ، رايوندا ئەسلىدە مۇرەككەپ بولغان زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇردى، رايون ئومۇمىي بىخەتەرلىكىنى يارىتىشتىكى تۈرلۈك زۆرۈر شەرت-شارائىتلارنى تېخىمۇ يوقاتتى. بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىن بۇيان، ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ساداسىغا پىسەنت قىلماي ئىسرائىلىيەنىڭ غەزەدە قورال ئىشلىتىشىگە يول قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ كەڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

  «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ يېقىنقى بىر پارچە «ھايۋانات پادىشاھلىقى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقنى چۈشىنىش» ناملىق سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئامېرىكىنى شىرغا ئوخشىتىپ، «ئوتتۇرا شەرق ئورمانلىقىنىڭ پادىشاھى» بولىدۇ، دېگەن، ئىراننى «پارازىت ھەرە»، سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنى «تۈكلۈك قۇرت»قا ئوخشىتىپ، «پارازىت ھەرىنى ئۆلتۈرۈش» ئۈچۈن ئامېرىكا «پۈتۈن ئورمانلىقنى كۆيدۈرۈۋېتىشى كېرەك» دەپ تەرغىب قىلغان. نۇرغۇن ئوتتۇرا شەرقلىق تورداشلار تەرىپىدىن «نومۇسسىز» «ئەسەبىي» دەپ ئەيىبلەنگەن بۇ ماقالە كىشىلەرگە ئامېرىكىنىڭ «ئوتتۇرا شەرق كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەم قىلىدىغان ئورمانلىق، ئامېرىكا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ، خالىغانچە تارتىۋالىدۇ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنى قۇربان قىلىدۇ» دەيدىغان ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ لوگىكىسىنى تونۇتتى.

  رايون خەۋپسىزلىكىدىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق كۈچلىرىنىڭ رايون ۋەزىيىتىگە قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا ئۇرۇش قوزغاش، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جازالاش قاتارلىق رەزىل قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، نۇرغۇن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپىدە داۋالغۇش پەيدا قىلدى، شۇنداقلا رايون خەۋپسىزلىكى قۇرۇلمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. خارۋارد داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمى پىروفېسسورى ستېفېن ۋالتېر «ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيانقى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ مەنبەسى» دەپ كۆرسەتتى. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق خەلقىنى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە مۇستەقىل ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، رايون تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز قولىغا تۇتقۇزغاندىلا ئاندىن رايون خەۋپسىزلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى بولىدۇ.

  خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق خەلقىنى ئۇرۇش ئوتى ۋە داۋالغۇش ئىچىگە سىجىل چۈشەپ قويىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنىڭ يېڭى چىقىش يولىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. «پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم پىكىر يولى بىلەن تەمىنلەپ»، «پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋە خەلقئارا قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئويناش»تەك يەر شارى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ چوڭقۇر خەلقئارا قوللاشقا ئېرىشمەكتە. يەر شارى خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسى كۆرسىتىپ بەرگەن يولنى بويلاپ ماڭغاندىلا ئوتتۇرا شەرق رايونىنى خەتەرلىك قىيىن ئەھۋالىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، تىنچ كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ