مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭ: «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ گۇمران بولۇش نەزەرىيەسى» قايتا-قايتا گۇمران بولدى

2024.02.09 01:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئىللىق باھارنى كۈتۈۋېلىپ، چاغاننى تەبرىكلەش» چياۋمىنلار ئىلمى ساھەسى مەخسۇس چاغانلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «جۇڭگو ئىقتىسادى گۇمران بولۇش نەزەرىيەسى» قايتا-قايتا گۇمران بولدى، «جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى چەككە يېتىش نەزەرىيەسى»نىڭ قىلچە پاكىت ئاساسى يوق، دەپ كۆرسەتتى.

  شيې فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ئىشلىرىنىڭ باسقۇچى مۇقىم ئالماشتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭەيدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.

  شيې فېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي نەتىجىسى يېتەرلىك، سۈپىتى ياخشى، ھەم «مىقدارى» مۇۋاپىق ئاشتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئېشىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئېشىش مىقدارىلا 6 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك دۆلەتنىڭ بىر يىللىق ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىغا تەڭلەشتى؛ ھەم «سۈپەت»نى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئاساسىي موتورلۇق رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسىنى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشۇرۇپ، «يېڭى ئۈچ خىل» ئېكسپورت سوممىسى 1 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى؛ ھەم «مۇقىم» بولۇشنىڭ پۇختا ئاساسىغا ئىگە، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى، 900 مىليونغا يېقىن ئەمگەك كۈچى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، زايوم تارقىتىش، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى تۆۋەنلىتىش، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش-ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەت بىرىكمىسىدە تەدرىجىي كۈچەپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى؛ يەنە «كىرگۈزۈش»نىڭ كەڭ بوشلۇقىغا ئىگە، كەلگۈسى ئون نەچچە يىلدا ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر 800 مىليونغا يېتىدۇ، رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى 2027-يىلى 15 تىرىليون 700 مىليارد دوللارغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار، بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىللاشقان يېڭىچە تۈۋرۈك كەسىپلەر تېز قەد كۆتۈردى.

  شيې فېڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ گۇمران بولۇش نەزەرىيەسى» قايتا-قايتا گۇمران بولدى، «جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى چەككە يېتىش نەزەرىيەسى»نىڭ قىلچە پاكىت ئاساسى يوق. مەيلى تاموژنا بېجى جېڭى، پەن-تېخنىكا جېڭى، بىلىش جېڭى بولسۇن، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ