مۇھىم خەۋەرلەر

«قاراڭغۇ ئۆي»لەر جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك

2024.02.09 01:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ۋاشىنگتون داللېس خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئامېرىكىغا كىرمەكچى بولغاندا، ئامېرىكا چېگرا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرىنىڭ سەۋەبسىز تەكشۈرۈشى، پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان ھەم ۋىزىسى بىكار قىلىنىپ دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن. قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى ۋە ۋىزىسى بار بۇ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار «قاراڭغۇ ئۆي»گە ئېلىپ كىرىلىپ سوراق قىلىنغان، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا جىسمانىي ئەركىنلىكى 10 سائەتتىن ئارتۇق چەكلەنگەن. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھازىر يەنىلا «ئۇششاق ھەرىكەت» قىلىپ، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى كەيپىياتىنى زەھەرلىدى، جۇڭگو كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پاكىت ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭگو ھەرىكەت پىلانى»نىڭ «تومۇزغا تەسىرى» تېخى تۈگىگىنى يوق. ئامېرىكا ئۆزىنى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ۋە ئىلىم ئەركىنلىكىگە ئىگە دەپ ماختىنىپ تۇرۇقلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، ئىلمىي تەتقىقاتنى سىياسىيلاشتۇرۇش، قوراللاشتۇرۇش، تاللاش، كەمسىتىش خاراكتېرىدە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا قالايمىقان زەربە بەردى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى توختىماي سەۋەبسىز تەكشۈرۈش، يانفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى مەجبۇرىي تەكشۈرۈش ھەمدە «قاراڭغۇ ئۆي»گە ئېلىپ كىرىش نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئورتاق كەچۈرمىش»ى بولۇپ قالدى. قايتۇرۇلغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى ھەتتا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «بىز سىزنىڭ پەن تەتقىقاتىڭىزغا پەرۋا قىلمايمىز، ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە ئۆزىڭىزنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىڭىزدىن ئاغرىنىڭ، بىز سىزگە ئىشەنمەيمىز» دېگەن.

  ئامېرىكا مائارىپ ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، قوراللاشتۇرۇپ، چەت ئەللىك بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يولىنى ئۈزۈپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش پىلانىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ پەن تەتقىقات مۇھىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. 20-ئەسىردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئىختىساسلىقلار ئالماشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىختىساسلىقلار ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا ھەر ئايدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون جۇڭگولۇق خادىمنى مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتتى. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق زومىگەرلىك قىلمىشى مۇقەررەر ھالدا ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنى خالايدىغان نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى ئارقىغا داجىتىدۇ. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىنى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى «مىنا رايونى» قىلسا، ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى مۇقەررەر ئاجىزلايدۇ.

  بۇ يىل جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. يېرىم ئەسىرگە يېقىن ئالاقە مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، مائارىپ ھەمكارلىقى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشىنىڭ جانلىق ئۈلگىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ساھەلەرنىڭ بىرى. بۇلتۇر سان-فرانسىسكو ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، جۇڭگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش-ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو «ئامېرىكىلىق ياش ئەلچىلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىش مەخسۇس ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» تۈرىنى تەسىس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئەلچىسى بولۇشىنى قارشى ئالدى.

  بۇنىڭغا روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولمىدى، گەرچە كۆپ قېتىم «ئامېرىكا-جۇڭگو ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قوللايدىغانلىقى»نى، «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن «قاراڭغۇ ئۆي»نى بىر قىسىم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشتىكى تۇنجى بېكىتىگە ئايلاندۇردى. ئامېرىكىنىڭ قىلمىشى جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورتاق تونۇشىغا زىت، خەلقئارا ئىختىساسلىقلار ئالاقىسىنى تەشەببۇس قىلىدىغان دەۋر ئېقىمىغا زىت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى رىقابەت كۈچىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ