مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتەمدۇ؟

2024.02.04 22:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تېكساس ئىشتاتى قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتى بىلەن قاتتىق تىركەشتى، كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن بۇ تالاش-تارتىش ئامېرىكىدىكى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ قارشىلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشىنى كەسكىنلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاممىۋى پىكىرنىڭ ئامېرىكىدا ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەت كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  كەسكىن توقۇنۇش

  يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا، تېكساس ئىشتاتى ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان «تىغلىق سىم تور» ئاممىۋى پىكىرنىڭ كۈچلۈك دولقۇنىدا تۇرماقتا: بىر تەرەپتىن، دېموكراتلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتى تېكساس ئىشتاتى ھۆكۈمىتىدىن سىم تورنى چۇۋۇشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان 25 ئىشتاتنىڭ باشلىقلىرى بىرلىشىپ سەپ تۈزۈپ، تېكساس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى گرېگ ئاببوتنى قوللىدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاببوت قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش مەسىلىسى ئۈستىدە بايدېن ھۆكۈمىتىگە كۆپ قېتىم قىيىن سوئال چىقىرىپ، ئۇنى قىلىدىغاننى قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن، يەنە چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن كۆچمەنلەرنى كۆپ قېتىم ئاپتوبۇس ياكى ئايروپىلاندىن پايدىلىنىپ دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان شەھەرلەرگە ئاپىرىپ قويغان، بۇ بىر چوڭ غەلىتە كۆرۈنۈش بولۇپ قالغان.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىم تور ماجىراسى تېكساس ئىشتاتى بىلەن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك زىددىيەتنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، كۆچمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە چېگرا ئەدلىيە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا چېتىلىدۇ.

  «ئىچكى ئۇرۇش» ھەققىدىكى مۇزاكىرە؟

  مەيلى «كۆچمەنلەرنى يۆتكەش» بولسۇن، ياكى تىغلىق سىم تور بولسۇن ھەممىسى ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ كۈرەش ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرى مايوكاسنى ئەيىبلەشكە ئائىت ماددىلارنى ئېلان قىلدى، ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەرنى ئەيىبلەش ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلاندى، دەپ ئەيىبلىدى.

  «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە بۇ چېگرا تالاش-تارتىشى ھەتتا ئامېرىكىدا «ئىچكى ئۇرۇش» يۈز بېرىش-بەرمەسلىكى توغرىسىدا مۇنازىرە قوزغىدى، دېيىلدى.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى مارجورى گرېن «دۆلەتنى پارچىلاش» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى تىزگىنلەۋاتقان قىزىل ئىشتاتلار بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسى تىزگىنىدىكى كۆك ئىشتاتلارغا ئايرىۋېتىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۇرغۇن تورداشلار مەسخىرە قىلىپ «ئامېرىكىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئامېرىكا پارچە ئىشتاتلىرى دەپ ئايرىغان تۈزۈك» دېيىشتى.

  تىركىشىش كەسكىنلەشتى

  «نيۇيورك پوچتىسى گېزىتى» ماقالىسىدە بايدېن بىلەن ئاببوت ئوتتۇرىسىدىكى «ئۇرۇش» ئامېرىكىنى ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەت كىرىزىسى خەۋپىگە دۇچار قىلدى، دېيىلدى.

  قانۇنسىز كۆچمەنلەر دولقۇنى بۇ يىلقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ قىزىق نۇقتا قارالمىسى، ترامپ كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ئاقساراينى قايتۇرۇۋېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى قىلىۋاتىدۇ.

  ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆچمەنلەر ئامېرىكىدىكى سايلىغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىكەن. ئاممىۋى پىكىر بېسىمى سەۋەبلىك بايدېن بەلكىم كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە تېخىمۇ قاتتىق مەيدان ۋە سىياسەت قوللىنىپ، ترامپنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى ئەۋزەللىكىگە تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن. تىرامپ «كۆچمەنلەر قارتاسى»نى داۋاملىق ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ