جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2024.02.01 09:42 مەنبە: خەلق تورى

  «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا ئائىت ئۇنىۋېرسال ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتى» «پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى خۇلاسە دوكلاتى» «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا ئائىت ئۇنىۋېرسال ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتى» «پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى خۇلاسە دوكلاتى» «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ 2024 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بەش پارتىيە گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پائال تۆھپە قوشتى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2024 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغدىشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى كونكرېت، چوڭقۇر تۇتۇشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى پۇختا، تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى داۋاملىق يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تاماملىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنى باشلىنىش يىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كۆزلىمە نىشانغا يېتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق قانۇنىيەتنى چۈشىنىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك؛ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تۈزىتىش - تۈزەش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىغا مەسىلە ھەل قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»نى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تۈزۈم - قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. سىياسىي كۆزىتىش ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتكە چىڭ قادىلىپ، «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىگە چىڭ قادىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە چىڭ قادىلىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە ھەقىقىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال ياخشى پايدىلىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كۆزىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆزىتىشنى باشقا نازارەتچىلىك بىلەن تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كۆزىتىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىپ قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش سىستېما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەتچىلىك تورىنى پۇختا، زىچ توقۇش كېرەك. «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆزىتىش قوشۇنىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ