شى جىنپىڭ چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

2024.01.31 09:49 مەنبە: خەلق تورى

  1- ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 42 باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

  سۈرەتتە: دۆلەت خېتىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ زالىدا ئەلچىلەرگە كوللېكتىپ سۆز قىلدى.

  ■ جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئەلچىلەرنىڭ جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ھەمكارلىق رىشتىنى چىڭىتىپ، ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەلچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ

  ■ بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى − 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ، تېخىمۇ كەڭ بازار ۋە مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ

  ■ بۈگۈنكى دۇنيا تىنچ ئەمەس، جۇڭگو بۇرۇنقىدەكلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئويلاپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىدۇ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىدۇ

  1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 42 باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى سىرتىدا، مۇراسىم ئەسكەرلىرى ئىككى تەرەپتە سەپ بولۇپ قاتار تۇردى، كانايچى مېھمان كۈتۈش بۇرغىسىنى چالدى. ئەلچىلەر ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، بايراق سېپىدىن ئۆتۈپ، ئاق مەرمەر پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرىغا چىقتى.

  «تاغ - دەريالار شۇنچە گۈزەل» ناملىق غايەت زور تام رەسىمى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەلچىلەر تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى ھەم ئۇلار بىلەن بىر - بىرلەپ سۈرەتكە چۈشتى.

  ئۇلار: سىنگاپورنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن خەيچۈەن، ئىتالىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئامبوس، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خاممادى، نىكاراگۇئانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەنبېيېر، ئۇكرائىنانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىيابىكىن، ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەختىيار، گرېنادانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما يەن، تۇنىسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئارابى، كۇبانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەي شىدې، بېلگىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەن بونىڭ، زامبىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چى ۋۇلۇ، شىۋېتسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوۋ سىچىڭ، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېريان، پولشانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۇ تيەنۋېي، كۇۋەيتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نەجىب، ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوباما، ليۇكسېمبۇرگنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ رۇيلاڭ، ئېكۋادورنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كوردوۋا، ھوندۇراسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مونكادا، ئەزەربەيجاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھۈسەينوف، تانزانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆمەر، كېنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېت، كوستارىكانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئورتىنو، يامايكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىليامىس، ئالجىرىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى راخسان، رۇمىنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماكسىم، مالايسىيانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نورمان، پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاشىمى، سېررالېئوننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەرىم، شەرقىي تىمورنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لو رۇي، بېلارۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېرۋىياكوف، ئافغانىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەرىمى، لائوسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭپېڭ، بولىۋىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىلېس، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جىنشەن شيەنجى، بۇلغارىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تىكخوۋ، سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ساراتو، فىجىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى جېنفەن، بۇركىنا فاسونىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بى داۋۇ، چېخنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تومچو، ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جى سىدې، ئەرمېنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گېۋوركيان.

  دۆلەت خېتىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ زالىدا ئەلچىلەرگە كوللېكتىپ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئەلچىلەرگە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقلىرىگە بولغان باھار بايرىمىلىق تىلىكى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئەلچىلەرنىڭ جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ھەمكارلىق رىشتىنى چىڭىتىپ، ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەلچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى − 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ، تېخىمۇ كەڭ بازار ۋە مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا تىنچ ئەمەس، جۇڭگو بۇرۇنقىدەكلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئويلاپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىدۇ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىدۇ.

  ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ