ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2024.01.30 14:33 مەنبە: خەلق تورى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 29 - چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى مۇجەسسەملەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسىتىپ، كۈچ چىقىرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تاشقى ئالاقىدىكى ئەۋزەل رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھەسى) ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات لايىھەسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2023 - يىللىق تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2024- يىللىق نۇقتىلىق دېموكراتىك نازارەتچىلىك پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، يۇقىرىقى لايىھەنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2023 - يىللىق جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش خىزمىتى، ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى، ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ «خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» پائالىيىتى، ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، نەزەرىيە تەتقىقاتى خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتى، شۇنداقلا «خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى (2023)» قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا ۋاڭ شياۋجۈننىڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، 5 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا، جياڭ شىنجى، ۋاڭ گۇاڭچيەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، جوۋ چياڭ، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ