شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئازالىنىڭ كومورونىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2024.01.31 09:49 مەنبە: خەلق تورى

  1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئازالى ئاسسۇمانىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كومورو ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - كومورو سەمىمىي، دوستانە، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىدى. مەن جۇڭگو - كومورو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئازالى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ