شى جىنپىڭ مالايسىيانىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئالىي رەھبىرى ئىبراھىمغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.02.01 09:44 مەنبە: خەلق تورى

  1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىبراھىم ئىسكەندەرگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ مالايسىيانىڭ ئالىي رەھبىرىلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 1974 - يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. 2023 - يىلى، مەن زۇڭلى ئەنۋەر بىلەن جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭى مەزگىلدىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدۇق. 2024 - يىلى جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - مالايسىيا دوستلۇق يىلى»، مالايسىيا جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، جۇڭگو - مالايسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى مۇھىم پۇرسەتكە يۈزلىنىدۇ. مەن ئالىي رەھبەر ئىبراھىم بىلەن دوستانە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ