مۇھىم خەۋەرلەر

كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلار قانداقمۇ «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» بولالايدۇ؟

2024.02.04 22:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر قەھرىتان سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىر «سوغۇق يۇمۇر»نىڭ سوغۇقى قاتتىق سوغۇقنى بېسىپ چۈشتى: جۇڭگو يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قاراپ چىقىشىغا قاتناشقان مەزگىلدە، ئىسرائىلىيە قىسمەن غەرب دۆلەتلىرىگە ئەگىشىپ ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» توغرىسىدا جۇڭگونى سەۋەبسىز ئەيىبلىدى. سىجىل ھەربىي ھەرىكەت قىلىپ پەلەستىنگە ئېچىنىشلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ئېلىپ كەلگەن ئىسرائىلىيە سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» بولدى، بۇنداق قىپيالىڭاچ «قوش ئۆلچەم»لىك ھەرىكەت ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە خەلقئارا جەمئىيەت ئەزالىرىنى گاڭگىرىتىپ قويدى.

  غەزەدە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيەگە قاراپ باقايلى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ داۋاملاشقىنىغا 100 كۈندىن ئاشتى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى پەلەستىندە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئاياللار ۋە بالىلار، يەنە 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس خادىملار باشقارمىسى بۇلتۇر 11-ئايدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ «ب د ت نىڭ 15 ئالاھىدە دوكلاتچىسى ۋە ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 21 ئەزاسى غەزە رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار <بىر مەيدان ئىرقىي يوقىتىشنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقى>نى بىلدۈرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى» دېدى. قانلىق پاكىت ئالدىدا، ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنى ئاشكارا ئەيىبلىمەيلا قالماستىن ھەتتا ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە يانتاياق بولدى، ئىسرائىلىيىگە زور مىقداردا ھەربىي ياردەم بەرگەنلىكىنى دېمەيلا تۇرايلى، يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەزە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى كۆپ قېتىم رەت قىلدى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنىڭ بېسىمىغا قارىتا، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بلىنكېن يېقىندا ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئىسرائىلىيەنى ئاقلىدى.

  بىر تەرەپتە، ئىسرائىلىيە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتە، غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قانات ئاستىغا ئالدى ۋە ئۇنىڭغا يول قويدى، ئۇلار تىغ ئۇچىنى جۇڭگوغا قارىتىپ، ساختا ئاتالمىش «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى»نى كۆپتۈرۈپ، ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق ئەسىر يالغانچىلىقىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. غەربتىكى بۇ ئىتتىپاقداشلار ھەق-ناھەق، ئادىللىققا كۆز يۇمۇپ، بىر-بىرىنىڭ «كىچىك گۇرۇھ» مەنپەئەتىنى قانات ئاستىغا ئالدى. خۇددى پاكىستان كېڭەش پالاتاسى دۆلەت مۇداپىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇشاھىد ھۈسەيىن سەئىد ئېيتقاندەك «ئۇلار <كىشىلىك ھوقۇق>نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. لېكىن غەزە خەلقى قىرغىن قىلىنغاندا، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىسرائىلىيەگە يان باستى، قىرغىنچىلىققا ھىچنېمە دېمىدى. لېكىن جۇڭگوغا قارىتا ئۇلارنىڭ <شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى> توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشى كىشىنى تولىمۇ بىزار قىلىدۇ».

  ئىسرائىلىيە ۋەكىلى جۇڭگو «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى»نى ئەيىبلىگەندە، كەڭ خەلقئارا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ سۆزلىرى بۇ شىكايەتلەرنىڭ قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. جۇڭگو بۇ نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇققا قاراپ چىقىشقا قاتناشقان مەزگىلدە، 120 نەچچە دۆلەت جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش جەھەتتە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۆزىتىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگونى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «غەرب دۆلەتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ سۆزىگە، يەنى جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىگە قوشۇلدى». يالغان گەپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىيالمايدۇ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوش ئۆلچىمى چوقۇم تېخىمۇ كۆپ لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى يالغان سۆزلىرىنىڭ بازىرى بارغانسېرى كاساتلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ