خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاتالمىش «جۇڭگو زومىگەرلىك تالىشىش نەزەرىيەسى» بەزى غەرب دۆلەتلىرىدە خېلى بازار تاپتى. ئامېرىكىلىق سىياسىيون مېرشمېر «جۇڭگو ئاسىيادا زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى ھەمدە پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ئامېرىكىغا خىرىس قىلدى» دېدى. بەزى غەرب تاراتقۇلىرى ھەتتا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىغا ئوخشاش كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتلىرىغا «جۇڭگونىڭ زومىگەرلىك قورالى» دېگەن بەلگىنى چاپلاپ قويدى.
«دۆلەت قۇدرەت تاپسا چوقۇم زومىگەر بولىدۇ» دېيىش غەربلىكلەر ئۆزى يېزىپ ئۆزى ئورۇندىغان «سەھنە ئەسىرى»
يېقىندا، ئامېرىكا فىلىمى «ناپولېئون» قويۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ 200 نەچچە يىل بۇرۇنقى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ زومىگەرلىك تالىشىش تارىخىغا بولغان دىققىتىنى قوزغىدى. «دۆلەت قۇدرەت تاپسا زومىگەرلىك قىلىش» غەربنىڭ تارىخىدىن شەكىللەنگەن «سەھنە ئەسىرى»، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر مەھەل زومىگەرلىك قىلغان. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈش يولىدا، ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكە يۈرگۈزۈپ تالان-تاراج قىلىش، ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش، ئېزىش، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسى ھەمىشە سايىدەك ئەگىشىدۇ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان غەربنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىرقانچە قېتىملىق زومىگەرلىك ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىشىمۇ كۆپىنچە توقۇنۇش ئۇرۇشى شەكلىدە ئەمەلگە ئاشتى.
تارىخشۇناسلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: غەربتىكى بەزى زاتلار غەربنىڭ تارىخىنى چىقىش قىلىپ، «دۆلەت قۇدرەت تاپسا چوقۇم زومىگەر بولىدۇ» دېگەن لوگىكىسىنى زورمۇزور بۈگۈنكى دۇنياغا تەتبىقلاپ، «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»، «جۇڭگو زومىگەرلىك تالىشىش نەزەرىيەسى» قاتارلىق سەپسەتىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن پەيدا قىلدى. بۇنداق زورمۇزور سېلىشتۇرۇش ۋە يامان غەرەزلىك تەقلىد قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلغان يەكۈن مۇقەررەر ھالدا خاتا ۋە خەتەرلىك بولىدۇ.
«كۆپ ساندىكى غەرب دۆلەتلىرى مۇستەملىكە يۈرگۈزۈپ تالان-تاراج قىلىش، زومىگەرلىك قىلىش ئارقىلىق بېيىغان، ئۇلارنىڭ كاپىتالىنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىش جەريانى ئادەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىك تارىخىغا ھەمراھ بولغان» دەيدۇ پاكىستان تەرەققىيات ئىقتىسادشۇناسلىقى تەتقىقات ئورنى مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىكرام ھەق، ئۇ يەنە مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، زومىگەرلىكتىن ئۈزۈل-كېسىل ھېساب ئېلىنمىدى، بەزى غەرب دۆلەتلىرى ھازىرغىچە زومىگەرلىك تەپەككۇرى ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى قانداق قوغداشنى ئويلاشقا ئادەتلەنگەن.
20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، دۇنيادا جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ، زور بىر تۈركۈم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇقى مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇردى، لېكىن غەرب دۆلەتلىرى يېتەكچىلىكىدىكى باراۋەرسىز خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپ ۋە «مەركەز-گىرۋەك» ئەندىزىسىدىكى بېقىندىلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت يەنىلا مەۋجۇت. مۇستەملىكە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر يەنىلا بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئېزىشى ۋە مۇھاسىرىسىگە ئۇچرىماقتا.
مېكسىكا شەھىرى ئاپتونومىيە داشۆسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي تەتقىقاتچىسى ئېدۋارد چىلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى «سيۇسىدىدېس تۇزىقى نەزەرىيەسى»، يەنى «زومىگەرلىك ھوقۇقىنىڭ مۇقەررەرلىكى» توغرىسىدىكى ئىدىيەنىڭ غەربنىڭ خەلقئارا سىياسىي ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشەپ قويغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «بەزىلەر ھەتتا ئۇنى ئېتىقاد دەپ قاراپ، جۇڭگودەك قۇدرەتلىك دۆلەت مۇقەررەر ھالدا زومىگەرلىك يولىغا ماڭىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو تارىخىغا بولغان نادانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات يولى ۋە نىشانىغا بولغان خاتا تونۇشىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى