مۇھىم خەۋەرلەر

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش» يانداش يىغىنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى

2024.02.04 22:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جۇڭگونىڭ 4-نۆۋەتلىك دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قاراپ چىقىشىنى باشلىغان پەيتتە، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش» يانداش يىغىنى يېقىندا شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە تاراتقۇلار ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 50 نەچچە كىشى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تور سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى.

  شىنجاڭ داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى رامىلە شەۋكەت مۇنداق قارىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ۋە تەربىيەلىنىش ھوقۇقى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  ئوتتۇرا جەنۇب داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ماۋ جۈنشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى غەرب دۆلەتلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشى ۋە تۈزۈم ئەندىزىسىنى ھەممە يەرگە باب كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىقىنى كىشىلىك ھوقۇق ئەندىزىسىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا تەڭلەشتۈرىدىغان بۇنداق تونۇش خاتا.

  ئوتتۇرا جەنۇب سىياسىي-قانۇن داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ دوتسېنتى شياۋ ۋۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىزاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا قانۇنچىللىق ئاساسى سالدى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قانۇن بەرگەن دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولدى.

  جۇڭگو زاڭزۇشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى سولاڭ جوما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى، مەبلەغ سېلىنمىسى، تەلىم-تەربىيە ۋە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، شۇنداقلا شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ پائال قاتنىشىشى شىزاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئۇنى ۋارىسلىق قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  شۋېيتسارىيە، تۈركىيە، بېنگال، كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار ھەمدە نۇرغۇن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر مۇتەخەسىسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ