مۇھىم خەۋەرلەر

«ئەپسۇس، بۇ ئەمەلىيەت» ___ خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتقان قوش ئۆلچىمى ئۈستىدە توختالدى

2024.02.04 21:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، جەنۋە بۈيۈك مېھىر-شەپقەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ستۇ بو (ئىنگلىزچە ئىسمى: ستاكېلبېرگ) يېقىندا بىر يىغىندا «ئەپسۇس، بۇ ئەمەلىيەت» دېدى.

  سىتۇ بو يىغىندا غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ئەسلىدە ئىنسانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق كۈچلەرنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ھازىر بارغانسېرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى باسىدىغان ئىدېئولوگىيە قورالىغا ئايلىنىۋاتىدۇ، بۇ بىر «چوڭ مەسىلە»، چۈنكى بۇنداق ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقانچە كۆپ سانلىق مەلۇمات ۋە پاكىت بولسىمۇ، بەزى غەربلىكلەر يەنىلا كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالىدۇ.

  ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سابىق دېموكراتىك، ئادىل خەلقئارا تەرتىپ مەسىلىسىدىكى مۇستەقىل مۇتەخەسسىسى دېزاياس مۇنداق دەپ قارىدى: بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى دائىم «قائىدە ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپ»تىن ئىبارەت بۇ باھانىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆز بويامچىلىق قىلىدۇ، ب د ت نىزامنامىسى خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئاساسى، لېكىن ئامېرىكا كۆپ ھاللاردا رىئايە قىلمايدۇ.

  دېزاياس يەنە ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرلارنى توقۇپ ۋە تارقاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ: «مەن ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىسپات بىلەن تەمىنلىگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېدى. ئۇ: «جۇڭگونى خالىغانچە ئەيىبلىگەن بۇ كىشىلەر غەزەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا سۈكۈت قىلدى» دەپ تەكىتلىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر چوڭ توسالغۇ دەل بەزى غەرب تاراتقۇلىرى قوزغىغان ئۇچۇر ئۇرۇشى، بۇ تاراتقۇلار ساختا خەۋەر تارقىتىپلا قالماي يەنە «ساختا تارىخ» ۋە «ساختا قانۇن» تارقىتىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، ئۇلار مۇئەييەن دۆلەتكە قارا چاپلاش، زىددىيەت پەيدا قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ