مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى: ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى رەت قىلغان سۆزلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ

2024.02.04 21:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن يېقىندا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى رەت قىلىپ، پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغان سۆزلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى. جۇڭگو تەرەپ ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى رەت قىلغانلىقى، پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئالاقىدار سۆزلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. غەزە رايونىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ھەرقانداق مۇزاكىرىدە ئەگەر «ئىككى دۆلەتنىڭ لايىھەسى»گە خىلاپلىق قىلىنسا، كۆچمە قۇملۇققا ئۆي سالغاندەكلا ئىش بولىدۇ. جۇڭگو دىپلوماتىيە جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلقئارا سۈلھى يىغىنىنى تېزرەك ئېچىپ، ئەھمىيەتلىك كۆپ تەرەپلىك مۇساپىنى باشلاپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نىڭ سىياسىي ئىستىقبالىنى قايتا گۈللەندۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشى قايتماس مۇساپە بولۇشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ بۇ مۇساپىنىڭ تۇنجى قەدىمى سۈپىتىدە پەلەستىننى تېزدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزا دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشنى قوللايدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېنىق، خاتاسىز سىگنال بېرىپ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نىڭ بىردىنبىر مۇمكىنچىلىكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى قايتا تەكىتلىشى زۆرۈر.

  جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى ئالدىنقى نىشان قىلىش كېرەك. ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇش مۇئەييەن بىر تەرەپنى چەكلەش ئەمەس بەلكى بارلىق تەرەپلەرگە قويۇلغان تەلەپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش، تۇتقۇننى قۇتقۇزۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى كېڭەيتىش، تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى. ئىسرائىلىيە غەزە رايونىغا قىلىنغان پەرقسىز ھەربىي ھۇجۇم ۋە بۇزغۇنچىلىقنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقىنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا قارىتىشى كېرەك. ئۇرۇش توختىتىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە غەزە رايونى ۋەزىيىتىنىڭ قىزىل دېڭىز رايونى ۋە تېخىمۇ كەڭ رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى كۈچەيتىۋېتىدىغان ھەرقانداق قىلمىشتىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ