مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ بىر بېلەت ئامېرىكىنى تىنچلىقنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرغۇزدى

2023.12.12 18:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى يەنىلا داۋاملاشماقتا، بىگۇناھ ھاياتلىق يوقالماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت تىنچلىقنى جىددىي مۇراجەت قىلىۋاتقان پەيتتە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان غەزە رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ئامېرىكىنىڭ بىر ئاۋاز بىلەن رەت قىلىشى سەۋەبلىك ماقۇللانمىدى. شۇ كۈنىدىكى خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ئاشكارا يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋود ئامېرىكا نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىشنى «قوللىمايدۇ» دېدى.

  بۇ قارار لايىھەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 15 ئەزا دۆلەت ئىچىدىكى 13 ئەزا دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئەنگلىيە ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، ئامېرىكا رەت قىلىش بېلىتى تاشلىدى. بۇ بېلەت بىلەن ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇردى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەزەدە ئۇرۇش توختىتىش قارار لايىھەسىگە تۇنجى قېتىم قارشى ئاۋاز بېرىشى ئەمەس. بۇ يىل 10-ئايدا بىرازىلىيە تەييارلىغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنى توختىتىش، پۇقرالارنى قوغداش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىمۇ ئوخشاشلا ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىش بېلىتى سەۋەبىدىن ماقۇللانمىدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىنىڭ بېلەت تاشلاش مەيدانىدىن «ھەيران قالدى» ۋە «ئەپسۇسلاندى»، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىپادىلىگەن «يان بېسىش» ۋە «قوش ئۆلچەم»نى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

  پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى نۇرغۇن تالاپەت ۋە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلدى، بىگۇناھ پۇقرالار ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئازاب-ئوقۇبەت چەكمەكتە. ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق-ۋىجدانىغا چېتىلىدىغان بۇ چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە، ھەرقانداق پاسسىپ پوزىتسىيە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ھەرقانچە كۆپ ئۆزىنى ئاقلاشمۇ كۈچسىز بولىدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇپ يەنە بىر تەرەپتىن غەزە خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، بىر تەرەپتىن ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇپ يەنە بىر تەرەپتىن توقۇنۇشنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىشى، بىر تەرەپتىن ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇپ يەنە بىر تەرەپتىن ئاياللار، بالىلارنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەسلىكى __ پەقەتلا كىشىلەرگە نېمىنىڭ «تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولماسلىق»، نېمىنىڭ «ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئالداش»، نېمىنىڭ «قوش ئۆلچەم» ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  ھازىر ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىش ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئالدىنقى شەرت. ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختاتمىغاندا، ھەرقانچە كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىمۇ ھېچنېمىگە دال بولالمايدۇ. ئۇرۇش مەيلىگە قويۇۋېتىلسە، ئاقىۋەت پۈتكۈل رايوننى بالايىئاپەتكە دۇچار قىلىشى، ھەتتا «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئۈزۈل-كېسىل نابۇت قىلىپ، پەلەستىن خەلقى بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقىنى ئۆچمەنلىك ۋە قارشىلىشىشتەك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا دۇچار قىلىشى مۇمكىن. يېقىندا، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ 99-ماددىسىغا ئاساسەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسىگە خەت يېزىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەزە رايونى ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق، خەۋپسىزلىك تەھدىتىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنى غەزە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىدىن ساقلىنىشقا تۈرتكە بولۇشقا مۇراجىئەت قىلدى ھەم ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتلىرىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلاشقا مۇراجىئەت قىلدى. بۇ 50 نەچچە يىلدىن بۇيان ب د ت باش كاتىپىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ ماددىنى نەقىل كەلتۈرۈشى بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  ئۇرۇش ۋىجدان ۋە ھەققانىيەتنى سىنايدۇ، تىنچلىق ئەقىل-پاراسەتكە مۇراجىئەت قىلىدۇ. دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت بولغان ئامېرىكا مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە بارلىق تىرىشچانلىقىنى غەزە ئۇرۇش ئوتىنى تىنچىتىش ئورتاق نىشانىغا مۇجەسسەملەپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بالدۇرراق ئەھمىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان ھەرىكەت قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەلەستىن خەلقىگە ياشاش ئۈمىدى قالدۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تىنچلىق ئۈمىدى قالدۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ