شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشنى تونۇشتۇردى

2023.12.08 11:29 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

  ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشنى تونۇشتۇردى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋېيتنام سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەتلەر. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭنى زىيارەتكە كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ـ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقتى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلمىدى، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالاقىسى قويۇق بولدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق كۆپەيدى. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئوخشاشلا سوتسىيالىستىك دۆلەت، ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداشقا پايدىلىق.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ، پارلامېنت رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دىققەتنى سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئەمەلىي ھەمكارلىق، خەلق رايى ئاساسى، كۆپ تەرەپلىك، دېڭىز مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئۆزىگە خاس زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش يولىنى ئورتاق بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ