شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ راجولىنانىڭ ماداغاسقارنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2023.12.08 09:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاندىرى نىرىنا راجولىناغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ماداغاسقار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ماداغاسقار ئەنئەنىۋى دوست. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىدى. مەن جۇڭگو - ماداغاسقار مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ راجولىنا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ماداغاسقارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ