جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ رول تۇتۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى پەيتىدە

2023.12.11 09:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يىل ئاخىرى يېقىنلاشقان بولسىمۇ، مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى خانوي خۇددى باھاردەك ئىللىق بولۇپ، يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

  ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ گۈزەل زېمىنغا يەنە بىر قېتىم قەدەم قويىدۇ.

  بۇ بىر قېتىملىق ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان سەپەر. بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك دوست قوشنا دۆلەت بولۇشتەك ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنياغا ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئېنىق سىگنالىنى سىجىل تارقىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق، مۇقىملىق بېغىشلايدۇ.

  جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش

  ئۇزاققا سوزۇلغان ۋاقىت ئېقىنىنىڭ بىر ئۇچى تارىخقا، بىر ئۇچى كەلگۈسىگە تۇتىشىدۇ. سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەت ۋە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوخشىشىپ كېتىدىغان تارىخىي كەچۈرمىش ۋە ئوخشاش بولغان ئىدىيەۋى ئىنتىلىش جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنى قېرىنداشلارچە دوستلۇق ئورنىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئوخشاش بولغان سىياسىي تۈزۈم ۋە ئورتاق بولغان تەرەققىيات نىشانى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەقدىرىنى زىچ باغلىدى.

  2015 - يىلى ۋە 2017 - يىلى، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى ۋە دۆلەت رەئىسىدىن ئىبارەت قوش سالاھىيەت بىلەن ۋىيېتنامنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، سىياسىي پارتىيەلەر دىپلوماتىيەسىنى، دۆلەتلەر ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، جۇڭگو - ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  2022 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بېيجىڭدا تارىخىي خاراكتېرلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق ھالدا جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ رول تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى پىلانلىدى. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام «جۇڭگو - ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىشقا، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» رامكىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى كېڭىشىپ ئىمزالاشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشكە قوشۇلۇپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى.

  ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق تەسۋىرلەش جۇڭگو - ۋىيېتنامنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەش ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، قەدىمىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلدى. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ - دەريالىرى تۇتىشىپ كەتكەن، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ئۆتىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك، تەقدىرداش بولغان ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى.

  تارىخقا نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشلىرىدا ئۆزئارا قوللاپ، «يولداش ھەم قېرىنداش» بولۇشتەك چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. ئىككى تەرەپنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان ۋە يېتىلدۈرگەن جۇڭگو - ۋىيېتنام ئەنئەنىۋى دوستلۇقى تاكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھېلىھەم ئىككى دۆلەت، ئىككى پارتىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

  مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى ئاساسىدا، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئورۇن بېكىتمىسى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، بۇنى شارائىت پىشىپ يېتىلىپ ئىشلار ئۆزلۈكىدىن يۈرۈشتى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئازۇسى ۋە ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالىنى ئاچىدۇ.

  سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى بېيىتىش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى تارىخىدا يەنە بىر مۇھىم ئابىدىگە ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. ۋىيېتنامدىكى ھەرقايسى ساھە بۇنىڭدىن يۈكسەك ئۈمىد كۈتىدۇ.

  ۋىيېتنام دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنستىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى رۇەن ۋېنشى مۇنداق بىلدۈردى: ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىلتىماس - تەلىپىگە ئۇيغۇن، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامدا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات زور پىلانىنى ئورتاق پىلانلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشتىن ئىبارەت تېخىمۇ يۇقىرى يېڭى باسقۇچقا كىرىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان تېز سۈرئەتلىك يولنى ھازىرلاش

  «جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتماقتا، ھەر ئىككىلىسى جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى ئۆزلىرىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى قىلدى، ھەر ئىككىلىسى قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ بىلدى.» 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ بىلەن كۆرۈشكەندە شۇنداق بىلدۈردى.

  ئۆزئارا قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تاللىشى. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ۋىيېتنام كارخانىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا تۇتىشىدىغان مۇھىم پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  ۋىيېتنام TH جېننەي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى سەي شياڭنىڭ خىيال دېڭىزىدا ئۇزاققىچە ئۇنتۇلمايدىغان مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار: 2018 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، «رەئىس شى جىنپىڭ بىزنىڭ كۆرگەزمە سۇپىمىزغا كېلىپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.» دەل شۇ چاغدىن باشلاپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇ ۋىيېتنام كارخانىسى جۇڭگو بىلەن رىشتە باغلىدى. جۇڭگودىكى ھەمكارلىق ھەمراھى بىلەن ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، TH جېننەي گۇرۇھى 2019 - يىلى جۇڭگو تامۇژنا باش مەھكىمىسى ئىمزالاپ تارقاتقان ئېكسپورت كودىغا ئېرىشكەن تۇنجى ۋىيېتنام سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىسى بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كارخانىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى تاللا بازارلىرىنىڭ مال جازىلىرىدا پەيدا بولدى ھەم نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا كارخانا تەرەپ تور دۇكانلىرىنى تەسىس قىلدى.

  يېقىندا يېپىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىدە، ۋىيېتنام ياڭگۇاڭ بىرلەشمە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ماركا دىرېكتورى رۇەنشى مېيەنخې مۇنداق دېدى: تەمىنلەش زەنجىرى كۆرگەزمىسى كارخانىمىزنى جۇڭگو بازىرى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىقى، غايەت زور بازار كۆلىمى ۋە راۋان بولغان ئەشيا ئوبوروت تورى يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەرقايسى مۇھىم ئامىللارنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  جۇڭگو ۋىيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى ئۇدا ئىككى يىل 200 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 185 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتتى. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام 2017 - يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. چېگرا سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىن قول تۇتۇشۇپ يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى.

  توك تارقىتىش مىقدارى جەمئىي 41 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، قىممىتى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان دۆلەت ئىچى قۇرۇلۇش مۇلازىمىتى، تېخنىكا ۋە جابدۇق ئېكسپورتىغا تۈرتكە بولدى، 80دىن ئارتۇق جۇڭگو ئۆلچىمى ۋىيېتنامدا ماكانلاشتى... جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە ئەمەلىيلەشكەن تۈر − ۋىيېتنام يۇڭشىن كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسى بەش يىلدىن ئارتۇق بىخەتەر يۈرۈشۈپ، ۋىيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قىس بولۇش ئەھۋالىنى زور دەرىجىدە پەسەيتتى.

  جۇڭگو كارخانىسى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان ۋىيېتنامدىكى تۇنجى شەھەر يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول تۈرى 2 - لىنىيەسى قاتناشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىككى يىلدا، ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ، شۇ جاينىڭ قاتناش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، ۋىيېتنام پايتەختىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن ۋىيېتنامنىڭ «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر بولۇپ قالدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» يېشىل ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ۋىيېتنامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت خەلقلىرىگە ئۈزلۈكسىز نەپ يەتكۈزمەكتە. يورۇقلۇق ۋولت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇڭگو جىنلاڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لۇ خېفېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرى جۇڭگونىڭ يېشىل ئېنېرگىيەلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى بىلدۈردى، «بىز ۋىيېتنامدا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بەش گىگاۋاتقا يېتىدىغان زاۋۇت قۇردۇق».

  يېڭى دەۋردىكى ئاسىيا ئارزۇسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىش

  10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يۈننەن يۈشىدە، جاراڭلىق گۈدۈك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، يۈننەننىڭ شىلەنخۇا، بەسەي، ئانار قاتارلىق خاس مېۋە - كۆكتاتلىرى لىق قاچىلانغان ئىككى سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىز يەنخې ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، بىر كۈندىن كېيىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ۋىيېتنام لاۋجيې ۋە لائوس ۋىيېنتيانغا يېتىپ باردى. جۇڭگو - ۋىيېتنام، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىدا خەلقئارا سوغۇق زەنجىرلىك يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى رەسمىي قاتناپ تىجارەتكە كىرىشتى، بۇ، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد - سودا تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو − جۇڭنەن يېرىم ئارىلى ئىقتىساد كارىدورىنى يەنىمۇ تۇتاشتۇرۇپ، رايوننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى نۇقتىلىق رايون دەپ قارايدۇ، ۋىيېتنامنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ئورنى ۋە رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىنچ، ئىناق، ئاۋات، گۈزەل، دوستانە «بەش چوڭ ماكان» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ھازىر، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلماقتا. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، قوش يۆنىلىشلىك سېلىنما سوممىسى جەمئىي 380 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، رايون ھەمكارلىقىغا مول نەتىجە ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگو ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

  بۇ يىل جۇڭگونىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئەتراپتىكى 28 دۆلەت ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن شەكلى كۆپ خىل، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى... ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىن تىنچ ئوكيان قىرغىقىغىچە، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىلىرىنىڭ ئاينىغان چوڭ دەرەخلىرى بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسىدا ئوڭۇشلۇق قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشتىن جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ 10 يىللىق قۇرۇلۇشىدا ئابىدە خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگىچە، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى 3.0 نۇسخىسى سۆھبىتىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىدىن «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگىچە، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو − جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى كەڭ دائىرىدە كۈتۈۋېلىشتىن گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، ئىمپورت كۆرگەزمىسى، تەمىنلەش زەنجىرى كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگىچە... جۇڭگو ئەتراپتا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئاسىيادا يىلتىز تارتىپ، يەرشارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق ئەتراپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتقا جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  «بىز ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر چاقىرىقىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، يەرشارىۋى خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، پۇتراجايا ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ئىگە، تىنچ بولغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقلەر ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئامېرىكا سان فىرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىل»ىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كامبودژا ئاسىيا ئارزۇسى تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى تۇڭمېڭ داۋىد مۇنداق قارىدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇس قاتارلىق رامكىلاردىكى ھەمكارلىقى رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچ، گۈللەنگەن ۋە تەقدىرداش بولغان كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ھىندونېزىيە ئاقىللار ئامبىرى ئاسىيا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى بانباڭ سۇريونو مۇنداق دېدى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بۈگۈنكى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ رېئال ئېھتىياجى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا ئىنتىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاق مەنپەئەت تورتىنى زورايتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال ئېچىپ بەردى.

  ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىش. يېپيېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەپ، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋر چاقىرىقىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تەقدىرداش بولغان گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.

  (قاتناشقان مۇخبىرلار: تاۋ جۈن، سۈن يى، خۇ جيالى، گاۋ بو، ۋۇ چاڭۋېي، ۋاڭ ئاۋنا)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ