جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

​2024 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى، پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

​«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى قاراپ چىقتى

2023.12.11 09:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، 2024 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، 2024 - يىللىق پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش باسقۇچ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغان بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاشقى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى، كۈچەپ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتتى، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇردى، ئىشەنچنى ئۇرغۇتتى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى تۈگەتتى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى قايتا ئۆرلەپ ياخشىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، بىخەتەر تەرەققىياتنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملەندى، چىڭىتىلدى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كېلەر يىلى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك ۋە دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك، پۇختا پۇل سىياسىتى جانلىق، مۇۋاپىق بولۇشى، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك. ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنما بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ھەم مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قەتئىي، ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە سىجىل كۈچەپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغان ساھە خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە قارىتا مەخسۇس تۈزەش ئېلىپ بېرىپ، ئامما ئەتراپىدىكى «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تىزگىنلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك. «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت جاھىل كېسەلگە قاتتىق زەربە بېرىپ تۈگىتىپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىش بىلەن باشقا نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوچۇقسىز نازارەت قىلىش، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، تىرىشىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 2023 - يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  يىغىن كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشقا قوشۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتتى، بۇنىڭدا قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۈتۈن زەنجىر، پۈتكۈل دەۋرىيلىك، تولۇق قاپلاشقا سىجىل كۈچەپ، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش مەقسەت قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش ئارقىلىق تۈرلۈك ئىنتىزامنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «نىزام» تەشۋىق - تەربىيەسى سالمىقىنى زورايتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى قانۇن ئىجراسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزامنىڭ قاتتىقلىقى، كەسكىنلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا تەتبىقلاپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ