باش شۇجى يېتەكچىلىك قىلغان مېتودولوگىيەدىن ياخشى پايدىلىنىش لازىم

باشقىچە يول تۇتۇشقا ئۇرۇنماي، تۆھپىخۇمارلىق قىلماي پۇختا ئىشلەش كېرەك

2023.12.12 17:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، لېكىن ئۇشتۇمتۇت تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە «بىر كېچە ئورمان بەرپا قىلىش»، «بىر كېچىدىلا مەنزىرە ھاسىل قىلىش»، يېڭى ئوبراز يارىتىش ئۈچۈن تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ، كۆل قېزىپ مەنزىرە يارىتىش، قارىغۇلارچە قەرز ئېلىپ قەدىمىي شەھەر بەرپا قىلىش قاتارلىق ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، خەلققە جاپا، مال-مۈلۈككە زىيان سالىدىغان «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» بەزى جايلاردا يەنىلا كۆرۈلدى.

  يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىنىڭ باشلىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەتىجە قارىشىنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. بۇ يىل 7-ئايدا جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى «ئاساس سېلىش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كەتمەسلىك، كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتماسلىق، خەلققە جاپا، مال-مۈلۈككە زىيان سالماسلىق»نى تەكىتلىدى؛ 9-ئايدا، جېجياڭدا، باش شۇجى «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئېھتىياتچان بولۇش، پۇختا قەدەم بىلەن جەڭ قىلىش لازىم؛ باشقىچە يول تۇتۇشقا ئۇرۇنۇشقا، تۆھپىخۇمارلىق قىلىشقا، <سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش>كە، ياسالمىلىق قىلىپ ئۆزىنى قالتىس كۆرسىتىش ئىدىيەسىدە بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى؛ 10-ئايدا جياڭشىدا باش شۇجى «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىش ۋە ئۇنى قەتئىي تۈگىتىش»نى تەكىتلىدى...

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار تەلىپى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەدەممۇ قەدەم ئىز قالدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلىدى.

  ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، تەرەققىيات قارىشىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقى تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمى، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش زۆرۈر.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 7 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سەرپ قىلىنغان «يەر بەلگىسى» ھەيكىلىدىن 900 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ 20 يىللىق قەرزگە بوغۇلغان ھەشەمەتلىك باغچىغىچە بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ، كەڭ كۆلەمدە «يۈز -ئابرۇي قۇرۇلۇشى» قىلدى. تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان بۇنداق ئۇسۇللار ئەڭ ئاخىرىدا ھەم ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكتى ھەم زور زىيان كەلتۈردى.

  «تۆھپە تالىشىشتا مەن بولمىساممۇ مەيلى، تۆھپە يارىتىشتا چوقۇم مەن بار»، بۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەدىرلەيدىغان پەزىلەت. توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە جەزمەن ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشنى پۇختا قىلىش لازىم، باشقىچە يول تۇتۇشقا، تۆھپىخۇمارلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

  بىر كادىرنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىغا باھا بېرىشتە ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغدىكى نەتىجىسىگە قاراپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاممىنىڭ باھاسىغا قاراش كېرەك. جياۋ يۈلۇ، گۇ ۋېنچاڭ، لياۋ جۈنبو قاتارلىق ھەربىر شانلىق ئىسىم خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، خاتا نەتىجە قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەزى ئەمەلدارلار تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، ئاسان كۆرگىلى بولىدىغان «ئاشكارا نەتىجە» يارىتىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاسان كۆرۈنمەيدىغان، ئۈنۈم بېرىش دەۋرى ئۇزۇن بولىدىغان «يوشۇرۇن نەتىجە»گە كۈچ سەرپ قىلىشنى خالىمايدۇ. «ئاشكارا نەتىجە»گىلا ئەھمىيەت بېرىپ «يوشۇرۇن نەتىجە»گە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، پەردازلاشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئىپادە بىلدۈرۈشى كۆپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئاز، ئىشقا چىقسىمۇ كۈچ چىقارمايدۇ، كۈچ چىقارسىمۇ ئىشنى پۈتتۈرمەيدۇ، بۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى دەل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان «توسالغۇ»دۇر.

  يېڭى مۇساپە شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، ئۇدۇل يول يوق، پەقەت ئەمەلىي ئىشلەشلا بار. خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قوماندانلىق تايىقى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا پايدىلىق ئىشلارنى بىر-بىرلەپ قىلىپ، ئاز-ئازدىن ئىشلەپ چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتقاندىلا ئاندىن پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ