لى چياڭ خەلقئارا شىر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىل بىلەن كۆرۈشتى

2023.12.12 13:20 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 10-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا خەلقئارا شىر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ خەلقئارا شىر جەمئىيىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ مېھىر يەتكۈزۈش، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن مەبلەغ سالغانلىقى ۋە پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى ماختىدى، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئەمالىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەمالىقنى داۋالاش ئىشلىرىنى ئۇزاق مۇددەت زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى مېھىر يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە. جۇڭگو ھۆكۈمىتى مېھىر يەتكۈزۈش، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. خەلقئارا شىر جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو شىر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو خەلقئارا شىر جەمئىيىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ھىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا شىر جەمئىيىتى جۇڭگونىڭ خەلقئارا مېھىر يەتكۈزۈش ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. خەلقئارا شىر جەمئىيىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ مېھىر يەتكۈزۈش، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ