شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشتى

2023.12.08 11:28 مەنبە: خەلق تورى

  12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا 24 ـ قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا 24 ـ قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان، جۇڭگو ـ ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە مۇستەھكەم تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولۇپ، ئىستراتېگىيە، ئىقتىساد ـ سودا، يېشىل، رەقەملىك ساھەلەردىكى يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپ قۇتۇپلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ كۈچ، يەرشارىۋىلىشىشنى قوللايدىغان ئىككى چوڭ بازار، كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك، داۋالغۇش كەسكىنلىشىۋاتقان ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق بىلەن تەمىنلەش، تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۆپ تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتى بار.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. ئىككى تەرەپ تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، دۇنيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا ئورنىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاپ، بىر ـ بىرىگە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ۋە بەش چوڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىجابىي سۆھبەت ئارقىلىق چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ توغرا تونۇش تۇرغۇزۇپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بىر مەقسەتتە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشى، تۈزۈمىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن بىر ـ بىرىنى رەقىب دەپ قارىماسلىقى، رىقابەت كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈنلا ھەمكارلىقنى ئازايتماسلىقى، ئىختىلاپ مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈنلا قارشىلاشماسلىقى كېرەك. جۇڭگو ـ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادى يۈكسەك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە، ئىككى تەرەپ قوشۇش ئۇسۇلىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق ئارقىلىق جۇڭگو ـ ياۋروپا ئىتتىپاقى مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى رىشتىنى چىڭىتىشى كېرەك. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ساقلاندى. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىدىكى ئاچقۇچلۇق ھەمراھ، پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ھەمراھ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىدىكى ئىشەنچلىك ھەمراھ قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشقا ئىنتىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بازار، كاپىتال، تېخنىكا ئەۋزەللىكى جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى كۆزلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئېچىۋېتىلگەن سۇپا بولۇپ، دۇنيادىكى 150 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقلەرگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. باشقىلارغا ئەتىرگۈل ھەدىيە قىلسىڭىز، قولىڭىزدا خۇش ھىدى قالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «يەرشارىۋى دەرۋازا» پىلانى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە بىرلىكتە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىكتە چىڭ تۇرۇپ، لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەردە سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  مىچېل ۋە ۋوندېرلېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ، ئۆزئارا مۇھىم ئىقتىساد ـ سودا ھەمراھى بولۇپ، ھەمكارلىق ساھەسى كۈنسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، باراۋەر بولغان ھەمكارلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىۋاسىتە ھالدا ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈشنى خالىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەت مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئىتتىپاقى ـ جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بۇ يىلدىن بۇيانقى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىدىن خۇشال بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ياۋروپانىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن دەپ قارايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، يېشىل، رەقەم قاتارلىق ساھەلەردە سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىنى ئورتاق تىرىشىپ قوغدىشىنى ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يەرشارىۋى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوچۇق، سەمىمىي بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ئىختىلاپ كۆرۈلگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا قارىتا ئورتاق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپلىكنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، ئۇكرائىنا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ