ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىندى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

​شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2023.12.11 09:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​لى چياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

  12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى چياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى ليۇ ۋېيدۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاش توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تامامەن قۇۋۋەتلىدى ھەم تاشقى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىستېمالنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىمىز، قوبۇل قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش باسقۇچ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغان بىر يىل. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت چىگىش، مۇرەككەپ، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇھىتتىكى پايدىسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى دەۋرىيلىك ۋە قۇرۇلمىلىق زىددىيەت گىرەلەشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كۈچەپ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتتى، قۇرۇلمىنى تەڭشىدى، ئىشەنچنى ئۇرغۇتتى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى تۈگەتتى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپە ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ياسىمىچىلىق نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، پىكىر - تەكلىپلەرنى يوللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى نەتىجىلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە ئالاقىدار تەدبىرلىرىنىڭ توغرا، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنى بىر مەقسەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككىنچى، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆپچىلىك «قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ ئۇلنى پۇختىلاش، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ھەم نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. مەۋقەنى ئۆزىنىڭ ساھە ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ قوشۇش كېرەك. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»، «ئىككى ساغلام» توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنلىرىنى سىجىل يەتكۈزۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ۋە جاڭ ئېندى، لى يۆفېڭ، ئەن لىجيا، جاڭ بىن قاتارلىقلار بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ