«شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزى»نىڭ كىتابچىسى نەشر قىلىندى

2023.12.11 09:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزى»نىڭ كىتابچىسى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.

  بۇ كىتابقا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەن «بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، خىرىسقا ئورتاق يۈزلىنىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى» دېگەن تېمىدىكى يازما نۇتقى ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا قىلغان «ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يۈكسىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدىكى مۇھىم سۆزى كىرگۈزۈلگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ