خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى دەي بىڭ 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 78-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا «ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردىمىنى كۈچەيتىشنى ماسلاشتۇرۇش» قارالمىسىدا سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىشىگە ئورتاق ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
دەي بىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادا تەخمىنەن 364 مىليون ئادەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە مۇھتاج، ئىنسانپەرۋەرلىك مەبلىغىگە بولغان ئېھتىياج مىقدارى 55 مىليارد 900 مىليون دوللار، ياردەم بەرگۈچى تەرەپلەر پەقەت 18 مىليارد 300 مىليون دوللار بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياج مىقدارىنىڭ %32.7 نى ئىگىلىدى. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تارىخىي مەسئۇلىيىتى بار ئاساسلىق ئىنسانپەرۋەرلىك مەبلىغى ھەدىيە قىلغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىئانە ۋەدىسىنى ۋاقتىدا ھەم تولۇق نەقلەشتۈرۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك مەبلىغى يوچۇقىنى ھەقىقىي تولۇقلىشى كېرەك.
دەي بىڭ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان پەلەستىن خەلقى، بولۇپمۇ غەزە رايونىدىكى ئاياللار ۋە بالىلار كۆپلەپ تالاپەتكە ئۇچراپ ۋە سەرسان بولۇپ، جەمئىيەت ۋە ئىقتىساد ۋەيران بولدى، ئۇل ئەسلىھەلەر ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، غەزە رايونىدىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ زور تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇزاققىچە ئۇرۇش توختىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئەمەلىي، كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ پۇقرالارنى، بولۇپمۇ ئاياللار، بالىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىنسانپەرۋەرلىكنى تېزدىن ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، ب د ت نىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى داۋامىدا تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا زور ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىدۇ. كەلگۈسىدە، جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ھەرىكىتىگە داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى قوللاش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ