خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق-جۇڭگو سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىراق پايتەختى باغدادتا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىراق سودا مىنىستىرى قۇرەير، جۇڭگونىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى شۈ خەيفېڭ، ئىراق-جۇڭگو سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ھەيدەر رۇبەيىر، ئىراق پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ۋە 200دىن ئارتۇق جۇڭگو-ئىراق كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
قۇرەير ئىراق زۇڭلىسى سۇدانىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىراق بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، ئىراق جۇڭگو بىلەن يەنىمۇ ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. قۇرەير ئىراق-جۇڭگو سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئىراق بىلەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى سودا ئىستىقبالى پارلاق. بىز جۇڭگولۇق دوستلار بىلەن بولغان پايدىلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە ئورتاق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى رۇبەير.
شۈ خەيفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراق-جۇڭگو سودا جەمئىيىتى جۇڭگو-ئىراق كارخانىلىرى ئورتاق قۇرغان تۇنجى سودا ئۇيۇشمىسى، ئىككى دۆلەت سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالماشتۇرۇش، مۇلازىمەت سۇپىسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ