شى جىنپىڭ 2 - نۆۋەتلىك يەرشارىۋى رەقەملىك سودا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.11.24 09:44 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - نۆۋەتلىك يەرشارىۋى رەقەملىك سودا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يەرشارىۋى رەقەملىك سودا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، خەلقئارا سودىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە پائال ئۇدۇللىشىپ، رەقەملىك سودىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، رەقەملىك سودا ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يەرشارىۋى رەقەملىك سودا كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ رەقەملىك سودىنى ئورتاق تەرەققىياتنىڭ يېڭى موتورىغا ئايلاندۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2 - نۆۋەتلىك يەرشارىۋى رەقەملىك سودا كۆرگەزمىسى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «رەقەملىك سودا، يەرشارىۋى سودىنى راۋانلاشتۇرۇش» بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ