شى جىنپىڭ ئارگېنتىنانىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى مىلېيغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.11.24 09:45 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاۋىئېر مىلېيغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى. ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو - ئارگېنتىنا دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، جۇڭگو - ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئىككى دۆلەت جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. مەن جۇڭگو - ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سايلانغان زۇڭتۇڭ مىلېي بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ئارگېنتىنا دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ