«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىلى نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى نېپالدا ئۆتكۈزۈلدى

2023.11.24 09:46 مەنبە: خەلق تورى

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىلى نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى نېپال پايتەختى كاتماندۇدا ئۆتكۈزۈلدى. نېپالنىڭ سابىق زۇڭلىسى جالا نات كانال تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

  كانال تەبرىك سۆزى قىلىپ، مۇنداق بىلدۈردى: مەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابتىن «ئىنتايىن كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجابىي ئۇسۇل ئارقىلىق جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى»نى چۈشەندىم. ئوقۇرمەنلەر «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابتىن جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك جاۋابلارنى تاپالايدۇ.

  جۇڭگونىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن سۇڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىلى نۇسخىسىنىڭ نېپالدا تارقىتىلىشى نېپال جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگو داۋلىسىغا بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچ قوشىدۇ.

  بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى بىلەن جۇڭگو خەلقئارا كىتاب سودا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ