شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ بوئاكەينىڭ لىبېرىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2023.11.24 09:45 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يوسېف نىيۇما بوئاكەيگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ لىبېرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىزنىڭ تۈرتكىڭىزدە، لىبېرىيەدىكى ھەر ساھە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى ئالقىشلايدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقلىرى قول تۇتۇشۇپ ئىبولا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ساھەسىدە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. مەن جۇڭگو - لىبېرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ