لى چياڭ، جاۋ لېجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكاللې بىلەن كۆرۈشتى

2023.11.27 10:27 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكاللې بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىزچىل ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىتى يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلاندى. تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى. جۇڭگو ئۇرۇگۋاي بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي گەۋدىدىكى دۆلەتلەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئۆزئارا تولۇقلاش، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى دۆلەتلەر ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئۇرۇگۋاي بىلەن بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق پىلانىنى ئىمزالاشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ ئېشىش مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ئۇرۇگۋاينىڭ رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ئۇرۇگۋاي بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپ ۋە ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

  لاكاللې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇرۇگۋاي بىلەن جۇڭگونىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. ئۇرۇگۋاي بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كەڭ ئىستىقبال ئېچىپ بەردى. ئۇرۇگۋاي جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا پائال قاتنىشىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، مەدەنىيەت-مائارىپ، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇگۋاي ۋە جەنۇب ئورتاق بازىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئەركىن سودا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئۇرۇگۋاي جەنۇبىي ئامېرىكا-جۇڭگو، لاتىن ئامېرىكىسى-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدا ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكاللې بىلەن كۆرۈشتى.

  جاۋ لېجى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى بوران چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان سىياسىي تۈزۈلمە، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي گەۋدىدىكى دۆلەتلەر ئارا ئىناق بىرگە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. تۈنۈگۈن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ،«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشى كېرەك. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئالاقىسىنىڭ 65 يىللىقى، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۇرۇگۋاي پارلامېنتى بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئۇرۇگۋاينىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى پۇختا قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

  لاكاللې مۇنداق بىلدۈردى: ئۇرۇگۋاي-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى پۇختا، ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم. بۇ قېتىمىقى زىيارەتتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم، ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئۇرۇگۋاي ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇگۋاي بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ